بىسمىللاھىر رەھماننى رەھىم:
قۇتۇلۇش
ئۆزۈڭنى ۋە دۇنيانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەر ئىنسان ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇشتىن باشلىسا، دۇنيادا قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم قالمايدۇ. بۇ پەقەت شەخسىيەتچىلىك نىيىتى بىلەن بولماسلىق كېرەك.
تەپسىلاتى:
ئەي ئىنسانلار، دۇنياغا سەپسېلىپ قارىساق بۇ دۇنيا بىز ئىنسانلار ئۈچۈن يارالغانلىقىنى ۋە دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، ھەم يارىلىشىمىزغا قارىساق ھەر-خىل دۆلەتتە ۋە ھەر-خىل مىللەت، ھەر-خىل جىنستا تۇغۇلىمىز، تۇغۇلىشىمىزنى، مىللىتىمىزنى دۆلىتىمىزنى، جىنسىمىزنى ئۆزىمىز تاللىۋالالمايمىز. شۇنداق ئىكەن بۇ بىزنىڭ ئەيىبىمىز ئەمەس. بەزەنلىرىمىز باي ۋە ئەمەلدار ئائىلىدە، بەزەنلىرىمىز كەمبەغەل ۋە ياكى كوچىدا تۇغۇلدۇق ۋە ئۆلۈممۇ خۇددى بىز بىلەن تۇغۇلغاندەك بىلىلا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يوق. بۇ بىر مۇقەددەس ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. بىزنىڭ قولىمىزدىن بۇ ئۆزگەرتىش كەلمىگەندىن كېيىن ھەم بۇ بىزنىڭ ئەيىبىمىز بولمىغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا رازى بولۇپ، شۈكۈر قىلىپ، سابىر قىلىپ ياشىشىمىز كېرەك. ئىنساننىڭ قىممىتى، ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىش ۋە ھەقىقەتپەرۋەرلىكى، ئەخلاقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ۋە ئىنسان، ئىنسان ئۈچۈن قۇل بولۇشقا يارىتىلمىدى، يەنە مىللەتلەر بىلەن مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى باغلاپ كەلسەك بىز بىر ئاتا - ئانىدىن پايدا بولغىنىمىزمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنداق ئىكەن نېمە ئۈچۈن بىز بىر بىرىمىزگە زۇلۇم قىلىمىز، بىز بۇ دۇنياغا بىر-بىرىمىزنى ئولتۇرۇش ئۈچۈن يارالمىغان. بەزەنلىرىمىز خۇددى بۇ دۇنياغا قىساس ئىلىش ۋە بىر - بىرىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەندەك نەپرەت بىلەن ياشايمىز. ئەلۋەتتە، بۇنىڭمۇ بەزى سەۋەبلىرى باردۇر. باشقىلارنىڭ ۋە ياكى ئاتا ئانىمىزنىڭ قىلىپ قويغان خاتالىقى تۈپەيلى، بۇنىڭ بەدىلىنى بىز ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندۇ. لېكىن بۇنى قىساس يولى بىلەن ئەمەس تۆلەم تۆلەش ياكى كەچۈرۈم قىلىش بىلەنمۇ ھەل قىلىشقا بولىدىغۇ!
ئەي ئىنسانلار، ئۆزىمىزنى دىنى جەھەتتىن ئاڭ ئادالەتلىك، ئاڭ توغرا بولغان دىننى تاللىشىمىز كېرەك.
ئەخلاقى جەھەتتىن پۈتۈن يامان ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى توسۇشىمىز، كونترول قىلىشىمىز، ئۆزىمىز ئاڭ ياخشى كۆرگەننى باشلىقلارغىمۇ راۋا كۆرۈشىمىز، باشقا ئىنسانلارنىمۇ ئۆزىمىز بىلەن تاڭ كۆرۈشىمىز، كەمتەر بولۇشىمىز، دۇنيانى ئاساسەن ئەخلاقى پەزىلىتىمىز بىلەن باشقۇرۇشىمىز كېرەك.
ئەقلى جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈچە ئوقۇشىمىز، ئۆگىنىشىمىز، ئوقۇغان بىلىمىمىزگە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئەمەل قىلىشىمىز، ئاندىن باشقىلارغا بىلگەن بىلىمىمىزنى قىزغانماستىن ئۆگىتىشىمىز ۋە كەمتەر بۆلىشىمىز، كىمنىڭ توغرا پىكرى بولسا قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. دۇنيادا پۈتۈن خاتالىق بىلمىگەنلىكتىن ياكى بىلسىمۇ ئەمەل قىلمىغانلىقتىن كېلىدۇ.
جىسمانىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى ساغلام تۇتۇش ئۈچۈن ھالال ۋە پاك بولغان، ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولمىغان تەبى ئوزۇقلۇق بىلەن ئوزۇقلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى كېسەلمۇ گالدىن، شىپامۇ گالدىن بولىدۇ. يەنە ئېلىۋاتقان مائاشمىز، كېلىۋاتقان رىسقىنىڭمۇ توغرا پاك يول بىلەن كەلگەن ۋە كەلمىگەنلىكى باشقىلارنىڭ ھەققىنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكىگىمۇ بەك دىققەت كېلىشىمىز كېرەك، بولمىسا بىزگە توغرىلىق تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالىمىز.
ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆزىمىزنى ئاللادىن باشقىلارغا موھتاج بولمىغۇدەك ئوتتۇراھال ھالەتكە كېلىشىمىز ۋە بارغا شۈكرى كېلىپ باشقىلارنىڭ ماللىرىغا قىزغىنىش بىلەن قارىماسلىقىمىز، بىر بىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئاساستا يېتەكلەپ مېڭىشىمىز، ھەرگىزمۇ رىقابەت دەپ سەن ئۆل مەن ياشاي دېمەسلىكىمىز كېرەك.
ئەي بەزى دۆلەت ئەمەلدارلىرى، ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى. بىزنىڭ توغرا ياكى خاتا قىلغانلىقىمىز بىز بىلەنلا كەتمەستىن شۇ دۆلىتىمىزدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئادالەتپەرۋەر بولايلى، ھەرگىزمۇ ھوقۇق ئۈستىگە چىقىۋالغىچە ھەر خىل ۋەدە قەسەملەرنى قىلىپ، چىقىۋالغاندىن كېيىن باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، ئۆزەڭنىڭ مەنپەئەتىڭ ئۈچۈن خەلقنى ۋە خەلقنىڭ پەرزەنتى بولغان ئەسكەر ساقچىلارنى خالىغانچە زىيان قىلىپ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولما. ئەگەر ھوقۇق بېشىغا چىققاندا سىنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئىرادىسى بويىچە باشقۇرۇشقا، باشقىلارنىڭ ئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان رەزىل پىلانىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەيكەل ئورنىدا كېلىپ بۇنى خەلقىڭگە ئېچىۋېتىشقا بولمىگىدەك بولۇپ قالغان بولساڭ، بۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقىن، پەقەت جاندىن كەچكەندىلا بۇنى ئۆزگەرتەلەيسەن، بولمىسا سىنىڭ ئەۋلادىڭ ۋە ياخشى كۆرگەن پۈتۈن نەرسەڭنى خېيىم خەتەر يولىغا قويۇپ قويغان بولىسەن. ئۇنتۇما، ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇش يوق. قەھرىمانلىق ئۆمرۈڭنى قىسقارتالمايدۇ، قورقۇنچاكلىك ئۆمرۈڭنى ئۇزارتالمايدۇ. ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلىك ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن سەرپ كېلىشى كېرەك.
ئەي بەزى بايلار، بىزلەر تۇغۇلساك ئاساسەن كۆپ يەرلەرنى ئۆزەڭغە باغلاپ سېتىۋىلىپ، باشقىلارغا پۇرسەتمۇ قويماپسەن، ئۇندىن كىيىن بىزلەرنى دۆت، ئامەتسىز دەمسەن؟ ئۆزەڭ دۆلىتىڭنى ۋە ياكى دۇنيانى چەمبىرەك قىلىپ توسىۋاپسەن. ئاللاھ ئىنسانلار ئۈچۈن
ياراتقان يەرلەرنى ئۆزەڭنىڭ مۈلكۈڭ قىلىپ كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ رىزقىنى ئۆزەڭلار يەۋېلىپ، باشقىلارنى ئاچ يالىڭاياق ھالەتتە قويدۇڭ. بىزلەرگىمۇ پۇرسەت بەرگىن، كۆرمىدىڭمۇ ئۆزەڭ يالغۇز كوچىلاردا يۈرەلمەي قورقۇپ، ئۆزەڭگە دۇنيانى تار قېلىپ قەپەزدىكى قۇشقا ئوخشاپ قالغىنىڭنى. سەن ھەممىنى كۆردۈڭ ۋە ياشىدىڭ، شۇنچىلىك دۇنيا بۇ، جەننەت ئەمەس، زېرىككەنسەن! ئەمدى ئاللاھ ئۈچۈن ئۆزەڭنىڭ ئەۋلادىڭ ۋە ئەڭ ياخشى كۆرگەن قېرىنداشلىرىڭ، ھايۋانلىرىڭ، تەبىئەتلىرىڭ ئۈچۈن خاتىرجەم كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان ياردەمنى قىل ۋە تىجارەتنىمۇ ئىنسانلارغا پايدىلىق قىلىپ ئۆزگەرت.
ئەي ئۇلۇغ مىللەت دەپ ئاتىۋالغانلار، مىللىتىڭنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، ئادالەتپەرۋەرلىكىڭ، راستچىللىقىڭ، سۆيگۈڭ ئارقىلىق كۆرسەت! ھەرگىزمۇ ھىيلە مىكىر زورلۇق-زوراۋانلىق، ھەقسىزلىق يوللىرى بىلەن قىلما. ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئىشىڭغا يارىغان بىلەن مەسىلىنى ئۈزۈل-كېئىسىل ھەل قىلىش يولى ئەمەس، ئۇ پەقەتلا ئادالەتتىن كېلىدۇ. باشقا مىللەتنىمۇ قۇل كېلىمەن دەپ ئويلىما، ئىنسانلار ئىنسان ئۈچۈن قۇل بولۇشقا يارىتىلمىغان، ھەمدە بۇرۇنقىدەك سانى مىڭ ئەمەس، مىليارد! ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنتىقسىز نىيىتىڭدىن قايت.
ئەي ئىنسانلار، ھازىرقى دۇنياغا قاراپ باقايلى، باشتا دۆلىتىمىز ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قاراپ چىقساق، بەزىلىرى بىر بىرى بىلەن سەمىمىي دوستتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە قانداق قىلغاندا ئۇنى جايلاش، ھۇلىنى كولاش بىلەن ئاۋارە. بەزىلىرى ئۆزى ھەقسىز تۇرۇپ، ئەقىل ۋە تېخنىكا، قۇرال - ياراق، پۇل، مال دۇنيا كۈچى بىلەن باشقىلارنى زورلۇق بىلەن بېسىۋېلىش، ئۇنىڭ مال دۇنياسىنى بۇلاش، ئادەملەرنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇل بىلەن قىيناش، گۇناھسىز ئادەم ئولتۇرۇش، باسقۇنقىلىك قىلىش، ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش، ۋە باشقا شەيتاننىڭمۇ ئەقلىگە كەلمىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆز مەقسىتىگە يېتىۋاتقان، ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە بويسۇنىدىغان ئادەملەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى بۇ بەلگىلەۋاتقان، خەلقنىڭ پەرزەنتى بولغان ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى ھەر خىل دورا ئوكۇل ياكى يېمەكلىرىگە ھەر- خىل نەرسىلەرنى قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى خۇددى تومۇر ئادەمدەك كېلىپ خالىغانچە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان. دۆلەت ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ، خەلقىنى ئىزىۋاتقان، ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ ئەزالىرىنى سېتىۋاتقان، كېيىن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغاندەك، قەرز كېلىپ ئۆزى ئۆرۈۋەتكەن بىنانى، قىممەت قىلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن، يەنە قۇرۇۋاتقان. ئادەملەرنىڭ دۆلەتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ياخشىلىق قىلغاندەك، ئۇلارغا پاناھلىق بېرىۋاتقان، ھەمدە ئالداپ سىلاپ بېشىنى سىلىغان بولۇپ، تىجارەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان، دىنىغا كىرگۈزۈۋالغان، ئادەملەرنىڭ ئالدىدا سازايى قىلىپ، ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ يۈرىكىنى مىجىش ئارقىلىق، ئۇزۇن مەزگىل ياشايمىز دەپ ھام خىيال كېلىۋاتقان، باشقىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، زورلۇق بىلەن سالام قىلدۇرۇۋاتقان، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان، توغرا دىننى بۇرمىلاپ، ھەر-خىل دىنى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، خاتا دىننى ئۆگىتىپ، باشقىچە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغان، جانلىق بومبا كېلىپ تەربىيىلەۋاتقان. دىنلار ئارا زىددىيەت سېلىپ، ئۇنىڭ كىيىمىنى كىيىۋېلىپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشقا سېلىۋاتقان، پائىشەخانىلەرنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئاچا -سىڭىللىرىنى سولاۋاتكان، ساتقان، ئۇنىڭدىن باج ئالغان، ئۇنىڭ پۇلى بىلەن خەلقىنى بېقىۋاتقان، پۈتۈن تىجارەتنى كونترول قىلىۋېلىپ، قىممەت قېلىپ سېتىپ، كەمبەغەل ئىنسانلارنىڭ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەزى دورىلارنى ئالالماي ئۆلۈۋاتقان. باشقىلارنىڭ ئاجىز يېرىنى ئىزدەپ، ياكى بۇرۇن قىلىپ قويغان خاتالىقىنى تېپىپ، تەھدىت قىلىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلدۇرىۋاتقان، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ، خەلقنى يالغان بىلەن ئالداۋاتقان. بۇلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ياخشىلىقىمۇ بار، بۇ پەقەت بەزى چىگرالارنىڭ ئىچىلىشى، ئۇزۇن يىللار كۆرۈشەلمىگەن قېرىنداشلارنىڭ جەم بولىشى ۋە باشقىلار.
خەلقىمىزغە قارىساق، بەزىلىرىمىز ئىنسانلىقتىن چىقتۇق، ئۇنىڭغا پەقەت، ۋەزىيەت جەمئىيەتلەرنى بانا قىلدۇق، شەخسىيەتچى بولۇپ كېتىپ، جەمئىيەتنى تۈزەشنى ئۇنۇتتۇق. پاھىشە ئىشلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق مىلليونلىغان بالىلارنى ئۆلتۈردۈق، تاشلىدۇق، ساتتۇق، ئاتا ئانىلىرىمىزنى خورلىدۇق، تاشلىدۇق. ئەسلى ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان مېھرى مۇھەببەتنى شەھۋانى ھەۋەس قىلىۋالدۇق. رىقابەت دەپ بىر بىرىمىزدىن قىزغاندۇق، دۈشمەنلەشتۇق.
سەن ئۆل، مەن ياشاي ياكى ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن مىنىڭ بېشىمغا كەلمەيدۇ دېدۇق، كارىمىز بولمىدى. ئۇزۇنغا قالماي بىزگىمۇ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىمىدۇق. ئوز ئارا ياردەملىشىش، دەرتلىرىمىزگە تەڭ يىغلاشنى ئۇنۇتتۇق. دۆلەتنىڭ، شەخسىنىڭ، ئەۋلادىمىزنىڭ بەرگەن مال دۇنياسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، پاك ياكى ھاراملىقىنى سۈرۈشتۈرمىدۇق. دېھقانلىرىمىز، چارۋىچلىرىمىز ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر- خىل خىمىيىۋى ماددىلار بىلەن ئادەملەرنى باقتۇق. ئۇنىڭ بىر كۈنى بىزنىڭ ئەۋلادىمىزغىمۇ تەسىر كېلىشىنى ئويلىمىدۇق، زەھەرلىك ماددىلارنى قوشۇش ئارقىلىق تاماكا ھاراق ۋە باشقا كەيپ كېلىدىغان نەرسىلەرنى ياساپ، مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدۇق. پۇل تېپىش مەقسىتىدە، يالغان فىلىم، خەۋەر ئىشلەش ئارقىلىقمۇ، ئىنسانلارنى، ياش ئۆسمۈرلەرنى يالغانچى قېلىپ چىقتۇق ۋە ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدۇق. بىر توپنىڭ ئارقىدىن قوغلىشىپ ئۇرۇشۇپ، ئىنسانلارنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان ھەر-خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئىجاد قىلدۇق. ھاياتىمىزنى مەنىسىز ئىسراپ قىلدۇق. تېخنىكىلىق ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق ۋاقتىمىزنى ئىسراپ كېلىپ ئۆزىمىزنى ھورۇن قىلدۇق. سۇ ئاپىتى ياكى يامغۇر ئاپىتى بىلەن كەلگەن سۇنى، بۇرۇن ئىچەتتۇك، ھازىر بىر ئۆينى بېسىپ كەتسە، ئۇ ئۆيدىكى خىمىيىلىك سوپۇن ۋە باشقا نەرسىلەر تۈپەيلى، پۈتۈن سۇ بۇلغىنىپ ئىچەلمەس ھالەتكە كەلدۇق، بۇلارنىمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
قىسقىسى، دۆلەت باشقۇرۇشتىمۇ، بىر ئادەمنى قىلغان گىپى بىلەن، ئويلىغان ئويى بىلەن جازالىماستىن، بىلمىگەننى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قارشىلىق قىلسا، ئۇنىنغا مۇۋاپىق ئادالەت بىلەن جازا ھوكۇم قىلسا بولىدۇ. قورققان ئالدىن مۇش كۆتۈرەر داپ، ئۇ مانغا
زىيانكەشلىك قىلىدۇ دەپ، ئالدىن ھۇجۇم قىلماي، چىقىلغاندىلا چىقىلايلى. ئەخلاقى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئەخلاق بىلەن باشقۇرايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەسكە سېلىپ، خاتالىق قىلغان بولساق، تەربىيە قىلىپ پۇرسەت بىرىپ كەچۈرەيلى.
رادىئو تېلۋىزىيە فىلىملىرىنى راستچىل قىلايلى. ئەخھلاقسىز فىلىملەرنى ئىشلىمەيلى ۋە كۆرسەتمەيلى. قەلبىمىزگە ئاللاھ، ئىنسان، ھايۋان، تەبىئەت سۆيگۈسىنى ئورنىتايلى. ئىنسانلارنى باپ باراۋەر كۆرۈپ كەمسىتمەيلى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرمايلى، باشقىلارنىڭ مال مۈلكىنى ئاسرايلى، ھىلە بىلەن زورلۇق بىلەن تارتىۋالمايلى، ئىنسانلارغا تەبىئىي دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقىرايلى، ئۆزىمىز سايلىغانغا ئۆزىمىز ئەمەل قىلايلى، يالغانچىلىقنى ئەسلا قىلمايلى. بىر مەسىلە كۆرۈنسە، بۆلگۈنچىلىك، مىللەتچىلىك قىلماي، مەسلىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تولۇق تەكشۈرۈپ ئاندىن ئادالەت بىلەن ھوكۈم قىلايلى. بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش بولىدۇ. باشقىلارنىڭ دىنىغا، ئۆرپ ئادىتىگە، تىلىغا، مىللىتىگە، ئىززەت ھۆرمىتىگە، مەدەنىيىتىگە، تارىخىغا دەخلى تەرۇز قىلمايلى، ھۆرمەت قىلايلى. بۇرۇنقىلار قانداق خاتالىق قىلغان بولسا، بىز بۇنى بىلسەك، دەرھال ئۆزگەرتەيلى. ئىنسانلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ياكى نېرۋىسىنى سالامەتلىكىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنى ئىجات قىلمايلى. پۈتۈن ئىنسانلارغا تەھدىت بولغان ئاتوم يادرو قوراللارنى يوقىتايلى. بىر-بىرىمىزنىڭ قورقۇپ ياكى باشقىلارنىڭ تەھدىت سىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىم دەپ، بەس بەس بىلەن يادرو قورال ياساپ، دۇنيانى خەتەرلىك ھالەتكە قويماي، بۇنىڭ پۇلىنى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياھشىلاشقا ئاسانلىق قىلىشقا ئىشلىتەيلى. ئۇرۇشقا، چېگرا توسۇپ ئوچۇق قەپەز قىلىشقا ھەرگىز يول قويمايلى. ھەممە مەسىلىنى ئولتۇرۇپ گەپلىشىش، تۆلەم تۆلەش، كەچۈرۈش يولى بىلەن ھەل قىلايلى، قىساس يولى بىلەن بىر-بىرىمىزگە دۈشمەنلىكنى كۆپەيتمەيلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى ئايرىماقمۇ تەس، كىمنىڭ قىلغىنىنى بىلەلمەي، باشقىلارغىمۇ زۇلۇم قىلمايلى. ئىنسان ئەگەر مېيىپ ياكى كېسەل بولمىسىلا ئاللاھ ھەممىمىزگە ئوخشاش كۇچ قۇۋۋەت، ئەقىل پاراسەت ئاتا قىلغان. بىز ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيمىز. كەلگۈسى خاتىرجەم، گۈزەل، تىنچ، بىرلىك باراۋەرلىك بىلەن ياشىشىمىز ئۈچۈن پۇتۇن دۆلەتلەر ئىنسانلار كۇچ چىقىرايلى. ئىنسان ئۈچۈن ئۆزگىرىشنى خالىسا 5 مىنۇت يىتەر. يەنى بۇرۇن قىلغان يامان ئىشلارنى، گۇناھلارنى ئىككىنچى قىلماسلىققا، ئاللاھ’ غا ئۆزىگە قەسەم قىلسا ۋە قەسىمىدە سادىق بولسا دەرھال ئۆزگىرەلەيدۇ. خالىمىسا ياكى خالىغاندىمۇ ئاڭلاپ قويۇپ، ئەمەل قىلمىسا بىر ئۆمۈرمۇ يەتمەيدۇ. مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلدىم دەپ، زورلۇق بىلەن باستۇرۇپ ياكى ھىلە قىلىپ ئالداپ، ناھەقچىلىكنى كۆپەيتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھالاك بولىشىمىزغا سەۋەپ بولمايلى، تارىخىمىز بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرمەيلى، ھازىرقى ھالىمىزغا قاراپ باقايلى. بۇ دۇنيا ئەگەر بىز قىزغانمىساق، ئۇرۇشمىساق، بارلىقىمىزنى، دەردىمىزنى تەڭ كۆرسەك ھەممىمىزگە يېتىدۇ. ھەممىمىز بىر بىرىمىزگە مۆھلەت بېرەيلى، يەنى ئىككى يىل، يەنى 2 دەپ قولىمىزنى تىنچلىق بىرلىك دەپ كۆرسىتىمىز، ئۇنى ھەقىقى يولغا قويايلى، قويالمىساك بۇندىن كىيىن ئىككى قولىمىزنى كۆتۈرمەيلى، ئۆزىمىزدىن كۆرەيلى. دۇنيا تەبىتىنى قوغداش ئۈچۈن، تەبىئەتنى بۇلغايدىغان نەرسىلەرنى ياسىمايلى، يوقىتايلى. ئىنسانلارغا زىيانلىق بولغان تىجارەتنى ئۆزگەرتىپ، پايدىلىق بولغان تىجارەتكە ئايلاندۇرايلى. دۇنيادا ھازىر ۋەھشىلىك، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ھىلى مىكىر ۋە شەيتاننىمۇ ھەيران قالدۇرغىدەك ھەممە نەرسە ئاخىرىغا قالدى، دۇنيانى ئۆزىمىز ۋەيران قىلىشتىن بۇرۇن، بۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشايلى. قىلغان خاتالىقىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ، قۇچاقلىشىپ، بۇنى دەرھال باشلايلى.
دوختۇرلار، ئۆزەڭنىڭ قەسىمىدە تۇرۇپ، مەيلى پۇل بەرسۇن ياكى بەرمىسۇن، ئىنسانلارنى داۋالا. ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلار، سىلەرمۇ قەسىمىڭلارنى ئۇنۇتماڭلار! سىلەر خەلقنىڭ ئاۋلادىسىلەر! ھەرگىز خەلققە ئوق ئاتماڭلار! غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغىنايلى! ھەر زامان ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقماي، ھەققانىيەت ئۈچۈن مىلىمىزدىن، جىنىمىزدىن كىچىشكە تەييار بولغاندىلا ئۇ زامان بىز تەييار بولغان بولىمىز. مەن پەقەت ھەممىڭلار بىلىدىغان ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويدۇم، بۇ بىر ئىجادىيەت ئەمەس، پەقەت ئەمەل قىلمىساق بىر تىيىن بولىدۇ! ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلايلى، دەرھال ھەرىكەت قىلايلى، بۇ يازگان خىتىمنى ئاڭ ئاز دېگەندە 3 نۇسخا كىلىپ ئىنسانلارغا بېرەيلى، ھەر خىل تىلدە تەرجىمە قىلايلى! بۇلارنى دىمەك ئاسان قىلماك تەس، لېكىن بۇنىڭ ئاقىۋىتى خەيرلىك، خاتىرجەملىك! ئەۋلادىمىز ئۈچۈن قىلايلى. خەلقنىڭ غېمىنى يېمىگەن ئىنسان ئىنسان ئەمەس! ئاخىرىدا ھەممىمىزنىڭ تىنچلىق خاتىرجەملىكىنى، سالامەتلىكىنى ئاللاھ دىن تىلەپ تۇرغۇچى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى بىرسى بولغان : غەيرەت سىدىقتىن.
Virginia, USA 01/24/2011
www. Mungdishayli. blogspot. com
No comments:
Post a Comment